باش بەت 俄文版 English 中文版 ئۇيغۇرچە
تۈمەنگە مەرھەمەت
شىركەتنىڭ قىسقىچە تارىخى
قەدىمى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق نامايەندىسى سۈپىتىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان قەشقەردىن ئىبارەت بۇ قەدىمى مەدەنىيەتلىك شەھەردە ، مۇشۇ شەھەرنىڭ سىموۋولى بولغان ئانا دەريا ‹‹تۈمەن››نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ، ئۆزىنىڭ پارلاق نەتىجىلىرى بىلەن ئانا يۇرتقا چەكسىز مېھىرى–مۇھەببەت ، ئپتىخار ۋە ھۆرمەت مۇجەسسەملەنگەن ئاڭلىغانلىكى كىشىنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالىدىغان بىر يېقىملىق ئىسىم بار. ئۇ بولسىمۇ ‹‹ تۈمەن كەسپى چەكلىك شىركىتى›› شىنجاڭ تۈمەن كەسپى چەكلىك شىركىتى پارتىيەنىڭ ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋىتىش،خۇسۇسى كارخانىلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش سىياسىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ ،شىركەر قانۇنى ۋەكىلى ئابدۇشۈكۈر ھاجىمنىڭ رەھبەرلىكىدە ،پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ ،كىچكلىكتىن زورىيىپ ،بەلگىلىك تەسىر دائىرىسى بار نوپۇزلۇق شىركەتكە ئايلاندى. 1982–يىلى تۇنجى بۇلۇپ تۈمەن ئوقەتچىلىك شىركىتى بۇلۇپ قۇرۇلدى.قىسقىغىنە نەچچە يىل ئىچىدە سودا دائىرىسى قەشقەردىن پۇتۇن شىنجاڭ دائىرىسىگە كېڭەيدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۆي–مۈلۈك سودىسى شىنجاڭغا كىرىپ ئىقتىسادى تەرەققىيات جەريانىدا بەلگىلىك رول ئويناشقا باشلىغان بولغاچقا ،سودا دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ 1997–يىلى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ تۈمەن ئۆي زىمىن ئېچىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بۇلۇپ قۇرۇلدى . ئۆي زىمىن ئېچىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن ، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە ئىلگىرى ۋە كىيىن بۇلۇپ مىللىچە ، ياۋروپاچە ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن قۇرلۇشلارنى سېلىپ ، شەھەر قىياپىتنى ئۆزگەرتىش ،شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ،سودا ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش جەھەتتە كۆپ كۈچ چىقاردى، 1995–يىلى خەلقئارا بىكەت بىناسىنى قۇرۇپ چىقتى ، 1999–يىلى قەشقەر ئارقا ئوردا سودا ئولتۇراق بىناسىنى ،2000–يىلى ئۈرۈمچىدە تۈمەن ئونۋېرسال بىناسىنى ،2001–يىلى ياۋاغ قۇرلۇش زىننەتلەش ماتىرياللىرى توپ تارقىتىش بازىرىنى،2002 –يىلى قەشقەر يامبۇ سودا سارىيى ئونۋېرسال بىناسىنى 2003–يىلى قەشقەر تۈمەن زەرئىجىل مىھمانخانىسىنى سالدى ھەپ شۇ يىلى 9–ئايدا قەشقەر يامبۇ كەسپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى 2003–يىلى قەشقەر تۈمەن خوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتىنى قۇردى . زامانىۋى كارخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى كۆپ خىللاشقان تىجارەت نىشانى بويىچە ‹‹ئىچكى جەھەتتە باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش ،سىرتقى جەھەتتە ئوبراز تىكلەش ››نى باشتىن ئاخىرى زور كۈچ بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ ،سۈپەتنى مەۋجۈت بولۇشنىڭ ئاساسى ،سەمىمىلىكنى قىبلىنامە ، ئۈنۈم ئارقىلىق تەرەققى قىلىشنى كارخانا تەرەققىياتىنىڭ نىشانى قىلىپ ،تىجارەت بازىرىنى تىرىشىپ ئېچىپ بىر قەدەر ياخشى بولغان ئىقتىسادى ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائى ئۈنۈمگە ئېرىشتى .شۇنىڭ بىلەن بىللە تەسىر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. شىركىتىمىز ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ئۆز تەرەققىياتىنى جەمىيەتكە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ،پارتىيەنىڭ 16–قۇرۇلتىيىدىكى روھىغا ئاساسەن مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش ،نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە نۇرغۇنلىغان ئىقتىسادى ياردەملەرنى قىلدى.دىھقانلارنى بېيىشقا يىتەكلەپ ۋە يېڭى يول ئېچىشىغا ياردەم بېرىپ ،جەمىيەتتىكى ئىش كۈتۈپ تۇغان ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە باشلامچىلىق رول ئويناپ كەلدى . دۆلىتىمىز سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كىيىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە ساياھەت ئىشلىرىدا يېڭى بۆسۈش بولدى.شۇنداقلا شىركىتىمىزگە سودا ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەپ دۇنياغا يۈزلىنىشتە ياخشى بولغان پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. شىركىتىمىز ئەمىلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئانا يۇرتىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتكە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق شىركەتنى جۈملىدىن قەشقەرنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ،قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىنى ،ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن باشلامچى بۇلۇپ ،شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئۇيغۇر قۇرلۇش بىناكارلىق قۇرلۇش ئىشلىرىغا يىڭى بىر بۆسۈش ئىلىپ كەلدى
پوچتا رايۇن نومۇرى : 830000 تېلېفۇن :4624688-0991 فاكىس :4623523-0991
شىركەت ئادىرىسى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھرى شەرقى شىخۇڭ يولى 42 – نومۇر